TED Talks with Uyghur transcript

جېيسېن شېن: خىزمەت ئىزدەۋاتامسىز؟ تەجرىبىڭىزنى ئەمەس، ئىقتىدارىڭىزنى تەكىتلەڭ.

TED Residency

جېيسېن شېن: خىزمەت ئىزدەۋاتامسىز؟ تەجرىبىڭىزنى ئەمەس، ئىقتىدارىڭىزنى تەكىتلەڭ.
3,768,300 views

ئارىمىزدىكى ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم كىشىلەرلا ئۆتمۈشتىكى تەجرىبىلىرىگە بىۋاستە ماس كېلىدىغان خىزمەتنى ياكى ئالىي مەكتەپتىكى كەسپىنى داۋاملاشتۇرالايدۇ. تەدچى (تەد پۇقراسى) جېيسېن شېن غا قاراپ باقساق، ئۇ بئولوگىيە كەسپىنى ئۆگىنىدۇ لېكىن ئاخرىدا بىر تېىخنىكا شىركىتىدە مەھسۇلات دېرىكتورى بولىدۇ. ئىنسان يوشۇرۇن كۈچىگە مۇناسىۋەتلىك بۇ چاققان، ئ‍ۆتكۈر نۇتۇقىدا، شېن خىزمەت ئىزدەۋاتقانلار قانداق قىلىپ ئۆزىنى تېخىمۇ كۆرسىتەلەيغانلىقى، ھەمدە نېمە ئۈچۈن خوجايىنلار ئۈنۋانغا ئەمەس بەلكى ئىقتىدارغا قارىشى زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

تانيا مېنون: پۇرسەتكە ئېرىشىشنىڭ مەخپىيىتى؟ سىز تېخى كۆرۈشۈپ باقمىغان ئادەمدە.

TEDxOhioStateUniversity

تانيا مېنون: پۇرسەتكە ئېرىشىشنىڭ مەخپىيىتى؟ سىز تېخى كۆرۈشۈپ باقمىغان ئادەمدە.
1,913,723 views

بىز ھەمىشە ئوخشىشىپ كېتىدىغان كىشىلەردىن تەركىب تاپقان تار ئىجتىمائىي چەمبىرەك ئىچىدىن چىقالمايۋاتقانلىقىمىزنى بايقايمىز. قايسى ئادەتلەر بىزنى چۈشەپ قويىدۇ ھەمدە قانداق قىلىپ ئۇلاردىن قۇتۇلالايمىز؟ تەشكىللەش پىسخولوگى تانيا مېنون قانداق قىلىپ ئىجتىمائىي دۇنيارىمىزنى پىلانلىق ھالدا كېڭەيتىشنى ھەمدە بۇنىڭ قانداق قىلىپ يېڭى ئىدىيە ۋە پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلىدۇ.

تىتو دېلېر: مېنىڭ گۈزەل مۇكاپاتىم

TED@Tommy

تىتو دېلېر: مېنىڭ گۈزەل مۇكاپاتىم
220,095 views

بلۇس مۇزېكانتى تىتو دېلېر ئۆزىنىڭ نيۇيورك شەھرىدىكى ئۆسۈپ يېتىلىش كەچۈرمىشى بىلەن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇنقى مىسسىسىپى دىلتىسى بلۇس مۇزىكا ئۇسلوبىنى بىرلەشتۈرگەن. ئۇ سەھنىگە چىقىپ ئۆزىنىڭ «مېنىڭ گۈزەل مۇكاپاتىم» دىگەن ناخشىسىنى گىتار مۇزىكىسى بىلەن ئۇرۇنلايدۇ.

جى خائى پارك: ئىسكرىپكا، ۋە روھىيتىمنىڭ قاراڭغۇ كېچىسى

TED2013

جى خائى پارك: ئىسكرىپكا، ۋە روھىيتىمنىڭ قاراڭغۇ كېچىسى
3,927,756 views

دۇنياغا داڭلىق ئىسكىرىپكىچى بولۇش ئارزۇسى، جى خائى پاركنى ئېغىر چۈشكۈنلۈككە مۇپتىلا قىلدى. ئۇنىڭغا ئۆز ئارزۇسىنىڭ داڭلىق كونسېرتلاردا مۇزىكا چېلىش ئارقىلىق پۈتۈن كىشىلەرگە تونۇلۇش ئەمەس، بەلكى، نۇ ئەسۋاب (ئىسكىرىپكا) نىڭ مۆجىزىسىنى تونۇشتۇرالىغىنچە كىشىلەرگە تونۇتۇش ئىكەنلىكىنى تونۇتۇپ قايتىدىن ئۇنى قۇتۇلدۇرغىنى يەنىلا مۇزىكا ئىدى.

Sergey Brin: سېرگىي برىن: نېمىشقا گۇگل كۆزەينىكىنى ياساپ چىقىمىز؟

TED2013

Sergey Brin: سېرگىي برىن: نېمىشقا گۇگل كۆزەينىكىنى ياساپ چىقىمىز؟
2,115,013 views

بۇ فىلىم ئاددىي ھالدىكى بىر تەشۋىقات فىلىمى ئەمەس، ئۇ خۇددى بىر پەلسەپىلىك چۈشەندۈرۈشكە ئوخشايدۇ: سېرگېي برىننىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسى نېمىشقا بۇ كۆزەينەك شەكلىدىكى كامېرا/كومپيۇتېر تىپىدىكى مەھسۇلاتنى ياساپ چىقماقچى بولىدۇ ؟ بۇ خىل يېڭىچە ئۇچۇر تېخنىكىسى كىشىلەرنىڭ قول، كۆز ۋە قۇلاقلىرىنى ئازاد قىلىپ، پەن-تېخنىكىنىڭ كىشىلەرنى يىراقلاشتۇرۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

ئەندى پۇدىكامبى: ئون مىنۇتلا دېققىتىڭىزنى يىغسىڭىز كۇپايە

TEDSalon London Fall 2012

ئەندى پۇدىكامبى: ئون مىنۇتلا دېققىتىڭىزنى يىغسىڭىز كۇپايە
11,093,399 views

ئەڭ ئاخىرقى قېتىم قاچان 10 مىنۇت ۋاقتىڭىزنى ھېچ ئ‍ىش قىلماي ئۆتكۈزگەن ئىدىڭىز؟ يەنى ئۇچۇر يېزىشماي، پاراڭلاشماي، ھەتتا ھېچنىمە ئويلىماي. زېھىن مۇتەخەسسىسى ئەندى پۇدىكامبى ئاشۇ ئ‍ىشنى قىلىشنىڭ ئۆزگەرتكۈچى كۈچىنى چۈشەندۇرىدۇ: دېققەتنى يىغىش ۋە ھازىرنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرۈش ئارقىلىق كۈندە 10 مىنۇت زېھىننى يېڭىلاش. (كۈجە يېقىشڭىزنىڭ ياكى غەلىتە ئورۇنلاردا ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق)

Renny Gleeson: رېننىي گلىسېن: 404، تېپىلمىغان بەتنىڭ ھېكايىسى

TED2012

Renny Gleeson: رېننىي گلىسېن: 404، تېپىلمىغان بەتنىڭ ھېكايىسى
1,796,301 views

ئاپلا! ھېچكىمنىڭمۇ 404: بەت تېپىلمىدى نى كۆرگۈسى يوق. لېكىن رېننىي گلىسېن كۆرسەتكىنىدەك: ھەر بىر پرويېكسىيىدە كۆرسىتىلگەن ئىجادىي ۋە قىزىقارلىق 404 بەتلىرى، ھەر بىر خاتالىق ھەقىقەتەنمۇ تېخىمۇ ياخشى مۇناسىۋەت قۇرۇش ئۈچۈن بىر ياخشى پۇرسەت.

جو سىمىس: قەغەز قول سۈرتكۈچنى قانداق ئىشلىتىمىز؟

TEDxConcordiaUPortland

جو سىمىس: قەغەز قول سۈرتكۈچنى قانداق ئىشلىتىمىز؟
3,684,496 views

ھەر كۈنى قولىمىزنى قۇرۇتۇش ئۈچۈن قەغەز قول سۈرتكۈچ ئىشلىتىمىز، لېكىن ئەمەلىيەت شۇكى، سىز ئۇنى خاتا ئۇسۇلدا قىلىۋاتىسىز. بۇ مەنىلىك ھەم قىزىقارلىق نۇتۇقتا، جو سىمىس قەغەز قول سۈرتكۈچنى ئەپچىللىك بىلەن ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى سۆزلەپ بېرىدۇ.

بىر TED ناتىقىنىڭ قاباھەتلىك چۈشى

TED2012

بىر TED ناتىقىنىڭ قاباھەتلىك چۈشى
3,347,194 views

كولىن روبېرتسون (Colin Robertson) ئەسلى 3 مىنۇت ۋاقىت ئىچىدە قوياش ئېنېرگىيىسى ئارقىلىق كېسەل داۋالاش ھەققىدىكى تەتقىقاتىنى تونۇشتۇرماقچى ئىدى، لېكىن…

دېيمون ھوروۋىتىز: تۈرمىدىكى پەلسەپە

TED2011

دېيمون ھوروۋىتىز: تۈرمىدىكى پەلسەپە
1,417,089 views

دېيمېن ھوروۋىتىزنىڭ پرىزېن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئىشلىگەن تۈرى سان كۇۋېنتىن شىتاتلىق تۈرمىدىكى جىنايەتچىلەرگە ئالىي مەكتەپ سەۋىيىسىدىكى پەلسەپە دەرسى سۆزلەش ئىدى. بۇ تەسىر كۈچى كۈچلۈك نۇتۇقتا، ئۇ توغرا-خاتالىق قارىشى تڭغرىسىدىكى ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدىغان بىر ھېكايىنى سۆزلەپ بېرىدۇ.

توماس سۋارېز: توماس سۋارېز: 12 ياشلىق يانفون يۇمشاق دېتالى ئىجادىيەتچىسىنىڭ ھېكايىس

TEDxManhattanBeach

توماس سۋارېز: توماس سۋارېز: 12 ياشلىق يانفون يۇمشاق دېتالى ئىجادىيەتچىسىنىڭ ھېكايىس
10,688,744 views

12 ياش ئەتراپىدىكى كۆپىنچە بالىلار ئويۇن ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ. توماس سۋارېز (Thomas Suarez) بولسا ئاشۇ ئويۇنلارنى قانداق ياساشنى ئۆزى ئۆگەنگەن بالا. ئۇ Bustin Jieber (جاستىن بىبېرغا ھۇجۇم قىلىش) قاتارلىق ئايفون ئەپلىرىنى ياساپ چىققان، شۇنداقلا ھازىر باشقا بالىلارنىڭمۇ ئۆزىگە ئوخشاش يۇمشاق دېتال ئىجادىيەتچىسى بولۇشىغا ياردەم قىلىۋاتىدۇ…

:‏ 30‏ كۈن ئىچىدە بىرەر يېڭى ئىش قىلىپ كۆرۈڭMatt Cutts

TED2011

:‏ 30‏ كۈن ئىچىدە بىرەر يېڭى ئىش قىلىپ كۆرۈڭMatt Cutts
12,215,040 views

سىز ئۇزۇندىن بېرى قىلىشنى ئۈمىد قىلىۋاتقان، قىلماقچى بولۇۋاتقان، لېكىن... سەۋەبىدىن قىلالمايۋاتقان بىرەر ئىش بارمۇ؟ مەت كاتس مۇنداق مەسلىھەت بېرىدۇ: ئۇ ئىشنى 30 كۈن قىلىپ سىناپ بېقىڭ. بۇ قىسقا نۇتۇقىدا غايىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە غەلىبىگە ئېرىشىشنىڭ يېقىن يولى توغرىسىدا سۆزلەيدۇ

تېررىي مور: ئاياغ بوغقۇچىنى قانداق چىگىمىز؟

TED2005

تېررىي مور: ئاياغ بوغقۇچىنى قانداق چىگىمىز؟
7,612,252 views

تېررىي مۇر بىر ئۆمۈر ئايىغىنىڭ بوغقۇچىنى خاتا چىگىپ كەلگەنلىكىنى بايقىدى. تەد نىڭ روھى بىلەن، ئۇ سەھنىدە تېخىمۇ ياخشى بولغان ئۇسۇلنى كۆپچىلىككە تونۇشتۇردى. (تارىخىي ئىزاھات: بۇ نۇتۇق 2005-يىلى تەد تە تاماشىبىنلارغا سۆزلەنگەن ئەڭ ئاۋۋالقى 3 مىنۇتلۇق نۇتۇق)

ستېيسىي كرېيمېر: ھاياتىمنى ساقلاپ قالغان ئەڭ ياخشى سوۋغا

TED2010

ستېيسىي كرېيمېر: ھاياتىمنى ساقلاپ قالغان ئەڭ ياخشى سوۋغا
4,110,731 views

ستېيسىي كرېيمېر (Stacey Kramer) ئۈچ مىنۇت ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ئۆزى باشتىن كەچۈرگەن بىر قېتىملىق تەسىرلىك كەچۈرمىشىنى سۆزلەپ بېرىدۇ: يەنى، بىر قېتىملىق قورقۇچنلۇق، قىممەتلىك، بەخت ئەكېلىدىغان بىراق ھېچكىم باشتىن كەچۈرۈشنى خالىمايدىغان كەچۈرمىشنىمۇ بىباھا سوۋغا قاتارىدا كۆرگىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە…

كىرك سىترون: ئەمدى، ھەقىقىي خەۋەرگە كېلەيلى

TED2010

كىرك سىترون: ئەمدى، ھەقىقىي خەۋەرگە كېلەيلى
783,495 views

تۈرى بۈگۈنگىلا ئەمەس، بەلكى نەچچە ئون يىلغىچە، ھەتتا نەچچە ئەسىرلەرگىچە تەسىرىنى يوقاتمايدىغان خەۋەرلەرنى توپلايدۇ. 2010-يىلىدىكى تەدتە ئۇ يېقىن .مەزگىلدىكى يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە مۇھىم خەۋەرلەر كەلگۈسىمىزنى شەكىللەندۈرىدۇ دېگەن نۇقتىنى يورۇتقان "Long News" بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەرنىڭ قانچىلىكى 100 يىل ھەتتا مىڭ يىلغىچە تەھىۋ كۈچىنى يوقاتمايدۇ؟ كىرك سىتروننىڭ

جېن چەن: ھاياتنى ساقلاپ قالىدىغان ئىسسىق مېھىر

TEDIndia 2009

جېن چەن: ھاياتنى ساقلاپ قالىدىغان ئىسسىق مېھىر
874,886 views

تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەردە، بۆشكىگە (incubator) ئىگە بولۇش نەرخ ۋە مۇساپە تۇپەيلى چەكلىمىگە ئۇچىرايدۇ. شۇ سەۋەبلىك ھەر يىلى مىليونلىغان گۆدەكلەر ۋاپات بولىدۇ. تېد (TED) ئىشتىراكچىسى جېن چەن شۇ كەبى مىليونلىغان بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بوۋاقلارنى ئىسسىق ساقلايدىغان ئىجادىيىتىنى - بىخەتەر، قولاي، ئەرزان ۋە ھاياتلىقنى ساقلىغۇچى لايىھەسىنى كۆرسىتىدۇ.

كىران بىر سەتخى- بالىلارغا مەسئۇلىيەتچانلىقنى ئۆگىتەيلى

TEDIndia 2009

كىران بىر سەتخى- بالىلارغا مەسئۇلىيەتچانلىقنى ئۆگىتەيلى
1,641,273 views

كىران بىر سەتخى بىزگە ئۆزىنىڭ ھىندىستاندىكى دەريا بويى باشلانغۇچ مەكتىپىدە قانات يايدۇرۇلغان بىر تۈرلۈك ئوقۇتۇش پائالىيىتىنىڭ چوڭقۇر مەنىسى: بالىلارغا ھاياتلىقتىكى ئەڭ مۇھىم دەرس «مەن قىلالايمەن!» نى ئۆگىتىشنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. سىز بالىلارنىڭ ئەتراپىدىكى مەسىلىلەرنى ئۆزىلا .ھەل قىلىۋاتقانلىقىنى، چوڭلارغا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا ئاتا-ئانىلىرىنى تەربىيىلەۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيسىز

كارولىين پوركو: ساتۇرننىڭ ھەمراھ يۇلتۇزىغا ھاياتلىق يوشۇرۇنغانمۇ؟

TED2009

كارولىين پوركو: ساتۇرننىڭ ھەمراھ يۇلتۇزىغا ھاياتلىق يوشۇرۇنغانمۇ؟
1,054,733 views

كارولىين پوركو ئۆزلىرىنىڭ كاسىنى نومۇرلۇق تەكشۈرۈش ئەۋابى ئارقىلىق ساتۇرننىڭ بىر ھەمراھ يۇلتۇزى «ياۋروپا» توغرىسىدا ئېلىپ بارغان تەتقىقاتىنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىدۇ. بۇ نۇتۇقتا ئۇ، بۇ ھەمراھ يۇلتۇزنىڭ مۇز تۇتقان بۇلاقلىرىغا ئائىت يىغىلغان تۈرلۈك ماتېرىياللار ئارقىلىق ئۇنىڭ ئادتىدىكى ئوكياننىڭ يۈزىدە ھاياتلىق بولۇش مۇمكىنچىلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ

رايۋىسنىڭ ئارىلاش كەيپىيات ئىپادە بەلگىلىرى ھەققىدىكى ھېكايىسى

TED2008

رايۋىسنىڭ ئارىلاش كەيپىيات ئىپادە بەلگىلىرى ھەققىدىكى ھېكايىسى
1,901,865 views

تېلېۋىزىيىسىنىڭ ئالاھىدە پروگراممىسى «ئامېرىكا ساتىراسى»نىڭ چولپىنى رايۋىس ئىپادە بەلگىلىرى ئارقىلىق بىر مەيدان قىسقا لېكىن نادىر، .ىوشلۇق ھەم قايغۇغا تولغان چۆچەكسىمان ھېكايىنى سۆزلەپ بەردى

دېيۋىد ھوفمان: ھەممە نەرسەمنى يوقىتىش

TED2008

دېيۋىد ھوفمان: ھەممە نەرسەمنى يوقىتىش
1,155,400 views

TED2008 دىن توققۇز كۈن ئىلگىرى، فىلىم ئىشلىگۈچى دېيۋىد ھوفمان ئۆيىنى، ئىشخانىسىنى، 30 يىل قىزغىنلىق بىلەن يىغىپ ساقلىغان بۇيۇملىرىنى ۋەيران قىلغان بىر ئوت ئاپىتىدە ھەممە نەرسىسىدىن دېگۈدەك ئايرىلىدۇ. ئۇ پاكاپاكىز ئۆچۈرۈلگەن ھاياتىغا بىر قارىۋېتىپ، يەنە قايتىدىن ئالغا ئىنتىلىدۇ.

David Gallo: دېيۋىد گاللو: سۇ ئاستى غارايىباتلىرى

TED2007

David Gallo: دېيۋىد گاللو: سۇ ئاستى غارايىباتلىرى
15,797,194 views

دېيۋىد گاللو بىزگە ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان دېڭىز جانلىقلىرىدىن رەڭ ئۆزگەرتىدىغان سىياھ بېلىقى، نىقابلانغان سەككىز ئاياغ بېلىق ۋە چوڭقۇر، قاراڭغۇ دېڭىز ئاستىدىكى بېلىقلار تارقاتقان نىئون نۇرلىرىنى ۋىدىئو ئارقىلىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ

رىچارد سانت. جون: غەلبىنىڭ سەككىز سىرى

TED2005

رىچارد سانت. جون: غەلبىنىڭ سەككىز سىرى
14,410,517 views

كىشىلەر نېمە ئۈچۈن غەلىبە قازىنىدۇ؟ سەۋبى ئەقىللىق بولغىنى ئۈچۈنمۇ؟ ياكى ئۇلار پەقەت تەلەيلىكمۇ؟ ھېچقايسىسى ئەمەس. تەھلىلچى رىچارد سانت جون غەلىبىنىڭ ھەقىقىي سىرى توغرىسىدىكى ئۇزۇن يىللىق زىيارىتىنى كۆرمىسى بولمايدىغان ئۈچ مىنۇتلۇق نۇتۇققا مۇجەسسەملىدى.